Return to the talk Return to talk

Transcript

Select language

Translated by Duolikun Tuerxun
Reviewed by Mumingjiang Munisha

0:11 .يۇقۇملۇق دېگەن بۇ سۆز ناھايىتى ياخشى سۆز .تارقالغان ۋاقىتلاردىمۇ، مەن بۇ سۆزنى ياخشى كۆرگەن H1N1 ھەتتا كۈلكە يۇقۇملۇق. قىزغىنلىق يۇقۇملۇق .ئىلھام ھەم يۇقۇملۇق .بىز بەزى مەشھۇر كىشىلەردىن بەزى ئالاھىدە ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان لېكىن ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەل مەن، «مەن قىلالايمەن» دەپ نام بەرگەن .ۋىرۇس تەرىپىدىن يۇقۇملاندۇرۇلغان

0:36 ئۇنداقتا، بۇ يەردىكى مەسىلە، نېمىشقا پەقەت ئۇلارلا يۇقۇملىنىدۇ(غەلىبە قىلىدۇ)؟ ،بىر مىلياردتىن جىقراق ئادەم بار بىر دۆلەتتە نېمىشقا بۇنچە ئاز كىشىلەرلا چىقىدۇ؟ بۇ تەلەيمۇ؟ ياكى پۇرسەتمۇ؟ بىز بۇنى پىلانسىز، ئاڭسىز ھالدا يۇقۇملانغان» دەپ قارىساق بولامدۇ؟» .شۇڭا، كېيىنكى 8 مىنۇتتا مەن «يۇقۇملىنىش» ھەققىدىكى ھېكايەمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى ،«مەن 17 ياش ۋاقتىمدىلا «يۇقۇملانغان ،ئۇ چاغدا، لايىھىلەش ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن، مېنىڭ ئىدىيەمگە قوشۇلىدىغان، مەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدىغان .ۋە چاي ئىچكەچ چوڭقۇرلاپ پاراڭلىشىدىغان چوڭلارغا يولۇقۇپ قالاتتىم ،مەن شۇ خىل ھېسسىياتنىڭ قالتىسلىقىدىن .ۋە قانچىلىك يۇقۇشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىدىن چۆچۈدۈم .مەن ئۆزۈمنىڭ 7 ياش ۋاقتىمدىلا يۇقۇملانغان بولۇش ئېھتىماللىقىم بارلىقىنى ھېس قىلدىم

1:15 ،شۇڭا، 10 يىل بۇرۇن دەريا بويى مەكتىپىدە ئىشلەشنى باشلىغىنىمدا ،ئۇ يەر مەن ئۈچۈن لايىھىلەش جەريانىنى بەرپا قىلىدىغان ۋە ساپلاشتۇرىدىغان تەجرىبىخانا بولدى .يەنى، «مەن قىلالايمەن» دېگەن ئىدىيە بىلەن توختىماستىن يۇقۇملاندۇرىدىغان جەريان بولدى !شۇنداقلا مەن قىلالىدىم ،مېنىڭ بايقىغىنىم، ئەگەر ئۆگىنىشنى ئەمەلىيەت ئىچىگە كىرگۈزۈلىسەك ،ئەگەر سىزگە دەرسخانا بىلەن رېئال تۇرمۇشنىڭ چەك-چېگرىسى بەك چوڭ بولمىسا ئۇنداقتا، بالىلارنىڭ نەرسىلەرنى ئۆزى «بىلىدىغان» باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى ئىدى ،بۇ جەرياندا، ئۇلار ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ ،«ئۆزگىرىشنى «قوبۇل قىلالايدۇ .ئاندىن «مەدەت» كە ئېرىشىدۇ، ئۆزگىرىشكە باشلامچىلىق قىلىدۇ .شۇنداقلا بىۋاسىتە ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمنۇنلۇق ھېسسىياتىنى ئاشۇرىدۇ ،بالىلار تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ .شۇنداقلا ئۆزىنى ئىلاجسىز ھېس قىلمايدۇ .بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقەللىي نەرسىلەر

1:54 شۇڭا، مەن ئەمدى سىلەرگە مېنىڭ دەريا بويى مەكتىپىدە .بۇ جەرياننى قانداق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىمنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى ،ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە: 5-سىنىپنىڭ بالىلىرى بالىلار ھوقۇقى دەرسىنى ئۆگىنىۋاتقاندا ،بۇتخانىدا كۆيدۈرۈلىدىغان خۇشبۇي تاياقچە ياساشقا بۇيرۇلدى ،ئۇدا سەككىز سائەت كۆجە ياساشقا .بۇ ئارقىلىق ئۇلار بالا ئىشلەمچىلەرنىڭ ئازابىنى تېتىپ بېقىشقا بۇيرۇلدى ،ئىدىيە ئۇلارغا يەتكۈزۈلدى. سىزنىڭ كۆرىدىغىنىڭىز ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق كەچۈرمىشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە .بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسى (مۇزىكا)

2:22 .ئۇلار ئايلىنىۋاتىدۇ يەنە ئىككى سائەت ئىچىدە، ئۇلارنىڭ دۈمبىسى تالغاندىن كېيىن .ئۇلار ئۆزگەرتىلىدۇ ،ئۇلار ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلسىلا دەرھاللا سىرتقا چىقىپ .بالا ئىشلەمچىلەرنىڭ چەكلىنىشىگە قارىتا باشقىلارنى قايىل قىلىدۇ راگاۋغا دىققەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ .ئاۋۇ چوڭ ئادەمنىڭ ئىديىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدى .بۇ ئىشلارنى سىز دەرسخانىدا ئۇچرىتالمايسىز ،شۇڭا، راگاۋ بۇ ئىشنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ،ماڭا ئوقۇتقۇچۇم ئۆگەتتى» دىن .ئۆزۈم قىلىۋاتىمەن» گە ئۆزگىرىدۇ. بۇ دەل «مەن قىلالايمەن» جەريانىدىكى تەپەككۇر ئۆزگىرىشى .شۇنداقلا بۇ جەريان ئىلھاملاندۇرۇلىدىغان ۋە يېتەكلىنىدىغان جەريان

3:05 :لېكىن بىزنىڭ مۇنداق دەيدىغان ئاتا-ئانىلىرىمىز بار ،ماقۇل، بىزنىڭ بالىمىز ياخشى ئادەم بولسا ناھايىتى ياخشى» لېكىن ماتېماتىكا، تەبىي پەن، ئىنگلىز تىلى قاتارلىقلارغا تەسىر قىلسا قانداق بولىدۇ؟ «.بىزگە نەتىجە كېرەك :بىز ئۇلارغا كۆرسەتتۇق، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىشەنچلىك ھالدا شۇنى كۆرسەتتىكى ،بالىلار بىرەر ئىشنى قىلىشتا ئىشەنچ ۋە ھوقۇققا ئېرىشسە ،مەيلى ئۇلار ئۇستا بولسۇن-بولمىسۇن ئۇلار ياخشى قىلالايدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ياخشى قىلالايدۇ بۇ پۈتۈن ھىندىستاندىكى 2000 دىن ئارتۇق مەكتەپ قاتناشقان ،سېلىشتۇرۇپ باھالاش دوكلاتىغا قارىساق دەريا بويى مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى ۋە تەبىئىي پەندە .ھىندىستان بويىچە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز

3:33 .دېمەك، بۇ ئامال كۈچىنى كۆرسەتتى. ھازىر دەل بۇ ئۇسۇلنى باشقا جايلارغا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ پەيتى شۇڭا، 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مۇستەقىللىق كۈنىدە .دەريا بويى مەكتىپىدىكى بالىلار پۈتۈن ئەھمەدئاباد(ھىندىستاندىكى شەھەر)نى «يۇقۇملاندۇرغىلى» چىقتى .ئەمدى، بۇ ئۇسۇل دەريا بويى مەكتىپىنىڭلا ئىشى بولماي قالدى .ھازىر ئۇ ھەممە بالىلارنىڭ ئىشىغا ئايلاندى. شۇڭا، بىز يۈزىمىزنى قېلىن قىلىپ مۇنداق قىلدۇق ،ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا، ساقچىخانىغا ،گېزىت-نەشرىياتلارغا، بازارلارغا باردۇق ھەم مۇنداق دېدۇق: «سىلەر قاچان ھەر بىر بالىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى بايقىماقچى ۋە ئويغاتماقچى؟ سىلەر قاچانلىققا بالىلارنىمۇ شەھەرنىڭ بىر ئەزاسى قاتارىدا كۆرمەكچى؟ «.ئەمەلىيەتتە بەك ئاسان، پەقەت بالىلارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سالساڭلارلا بولىدۇ

4:07 ئۇنداقتا، ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغاندۇ؟ ئۇلار 2007-يىلىدىن باشلاپ ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم شەھەردىكى ئەڭ ئاۋات كوچىدا ماشىنا يۈرۈشنى چەكلىدى .شۇنداقلا ئۇ يەرنى ۋاقىتلىق بالىلار شادلىق باغچىسى قىلىپ ئۆزگەرتتى بۇ بىر شەھەرنىڭ قوينىدىكى بالىلارغا: «سىلەر قىلالايسىلەر!» دېگىنى ئىدى .ئەھمەدئابادنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى سىن: ھىندىچە .ئەڭ ئاۋات كوچىلار تاقالغان .قاتناش ساقچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىزگە ياردەم بەرگەن .كوچىنى بالىلار قولىغا ئالغان .ئۇلار مۇز تېيىلىۋاتىدۇ. ئۇلار كوچا ئويۇنلىرى ئويناۋاتىدۇ .ئۇلار ئويناۋاتىدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھەممە بالىلار (مۇزىكا)

4:58 .بولسا ئەزەلدىن بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ كەلگەن بىر ئورگان aProCh :ئاتۇل كارۋال .بىز بۇ ئىشنى شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا قانات يايدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز (مۇزىكا)

5:06 .كىران بىر سەتخى: شەھەر ئەركىن ۋاقىت بىلەن تەمىنلەيدۇ .ئەھمەدئابادتا دۇنيا بويىچە تۇنجى بالىلارغا كۆڭۈل بولىدىغان پىيادىلەر يولى بار بولدى

5:14 ،جىيت سەتخى: ھازىر شەھەر بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ .كەلگۈسىدە بالىلار شەھەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ (مۇزىكا)

5:25 ،شۇڭا :KBS .ئەھمەدئاباد ھىندىستاننىڭ تۇنجى بالىلار دوستى شەھىرى نامى بىلەن داڭلىق

5:31 شۇڭلاشقا، ئۈلگىنى مۇشۇ يەردىن ئالالايسىز. ئاۋۋال دەريا بويى مەكتىپىدىكى 200 بالىدىن .ئاندىن ئەھمەدئابادتىكى 30 مىڭ ئوقۇغۇچىدىن، شۇنداقلا بۇ سان كۆپىيىۋاتىدۇ .ھازىر پۈتۈن ھىندىستانغا تارقىلىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى شۇڭا، 2009-يىلى 15-ئاۋغۇستتىكى مۇستەقىللىق كۈنىدە، يەنە بىر قېتىم ،ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن .100مىڭ بالىنى «مەن قىلالايمەن!» دېگۈزدۇق ،قانداق؟ بىز ئاددىي بىر قورال لايىھىلەپ ،ئۇنى سەككىز خىل تىلغا(ھىندىستان شىۋىلىرىغا) تەرجىمە قىلدۇق .شۇنداقلا 32 مىڭ مەكتەپكە تارقىتىپ بەردۇق .بىز بالىلارغا ناھايىتى ئاددىي ۋەزىپە بەردۇق ،بىز مۇنداق دېدۇق، بىر تېما تاللاڭلار ،سىلەرنى زېرىكتۈرىدىغان ھەرقانداق بىر مەسىلىنى تاللاڭلار ،ئاندىن بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ .بىر مىليارد ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىڭلار

6:09 ئۇلار شۇنداق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزگىرىش ھەققىدىكى ھېكايىلەر ،ھىندىستاننىڭ ھەممىلا يېرىدە تارقالدى ،شەرقتە ناگالاندتىن تارتىپ ،غەربتە جۇنجۇنۇغىچە .شىمالدا سىككىمدىن، جەنۇبتا كىرىشناگىرىغىچە تارقىلىپ يۈردى .بالىلار خىلمۇ-خىل مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزلىرى تېپىشتى ،يالغۇزلۇق ھېسسىياتىنى يوقىتىشتىن تارتىپ، يولدىكى تاتۇقلارنى ئوڭشاشقىچە ،يەنە تېخى ھاراقكەشلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئۆزى ھەل قىلدى شۇنداقلا راجاستاندىن كەلگەن 32 ئوقۇغۇچىدىن .16سى ئۆزلىرىنىڭ بالا تويىنى بىكار قىلدى !دېمەكچىمەنكى، ئۇ بەكلا ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى :بۇ يەنە بىر قېتىم چوڭلارنىڭ بالىلارغا ئىشىنىپ، ئۇلارغا .سەن قىلالايسەن» دېسە، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى» «ھىندىستاندىكى «يۇقۇملىنىش .بۇ راجاستاندىكى بىر ئېتىزلىق كەنتى

6:47 .بالىلار: بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ساۋاتسىز، بىز ئۇلارغا خەت تونۇشنى، يېزىشنى ئۆگىتىمىز تۇنجى قېتىم، بىر سەھرايىۋى مەكتەپتە كۈچ ئۇلاپ يۈگرەش ۋە كوچا ئويۇنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ :KBS .ئاتا-ئانىلار مائارىپنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى بىلدۈرۈلدى .ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى

7:11 .ئەر كىشى: بۇ پائالىيەت بەك قالتىسكەن .ئۆز بالىلىرىمىزنىڭ بىزگە ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگەتكەنلىكىدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇق

7:18 .ئايال: ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بۇ رىقابەتكە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىدىن مەن بەكلا خوشال .كەلگۈسىدە، مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قابىلىيىتىدىن ھەرگىز گۇمانلانمايمەن .كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇلار قىلالىدى

7:28 .ھەيدەرئاباد شەھەر مەركىزىدىكى بىر مەكتەپ قىز(ھىندىچە تەخمىنىي تەرجىمە): 581. بۇ ئۆينىڭ نومۇرى 581

7:33 .بىز 555 تىن باشلاپ يىغىشىمىز كېرەك

7:36 ،ھەيدەرئابادتىكى قىز-يىگىتلەر سىرتقا چىقىۋاتىدۇ .خېلى تەس، لېكىن ئۇلار قىلالىدى

7:42 !ئايال: گەرچە ئۇلار تېخى ياش بولسىمۇ، لېكىن بەكلا ياخشى قىلدى .ئۇلار ئاۋۋال ئاھالىلەر كومېتىتلىرىنى سۈپەردى، ئاندىن ھەيدەرئابادنى، پات يېقىندا پۈتۈن ھىندىستاننى سۈپۈرمەكچى

7:53 .ئايال: بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر بىشارەت بولدى .ئۇلارغا بۇنچىلىك يوشۇرۇن كۈچ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈپ مەن ھەيران قالمىدىم

7:59 ،قىز: رەھمەت، خانىملار-ئەپەندىلەر ،بۈگۈن باھا تالاشتۇرۇپ ساتىدىغان نۇرغۇن نادىر رەسىم ئەسەرلىرى بار ،ناھايىتى ياخشى سەۋەب تۈپەيلى .سېتىشتىن كىرگەن كىرىمنىڭ ھەممىسى ئاۋدىفون(ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش ئەسۋابى) ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ !تەييار بولدۇڭلارمۇ؟ (تاماشىبىنلار): شۇنداق !قىز: تەييار بولدۇڭلارمۇ؟ تاماشىبىنلار: ھەئە !قىز: تەييار بولدۇڭلارمۇ؟ تاماشىبىنلار: ھەئە

8:18 .شۇنداق قىلىپ، مېھرىبانلىق ئوتلىرى مۇشۇ يەردە تۇتاشتى :KBS .كوچا ئويۇنلىرى، باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش، تىلەك تىلەش پائالىيىتى قاتارلىقلار .دېمەكچىمەنكى، ئۇلار تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى .ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ شۇڭا، بىز قانداقمۇ يەنە داۋاملىق پىسەنت قىلماي تۇرالايمىز؟ ئاشۇ قىزغىنلىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھاياجانلىنىشقا قانداقمۇ پىسەنت قىلماي تۇرالايمىز؟ ،مەن ئېنىق شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن .لېكىن مەن سۆزۈمنى ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋەكىلى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر، ئۇ دەل گەندى بۇنىڭدىن 70 يىللار ئىلگىرى، بىر ئادەم بىز قىلالايمىز» نىڭ كۈچى بىلەن» .پۈتۈن مىللەتكە تەسىر قىلغان

8:47 ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە كىم بۇ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ يۈز مىڭ بالىدىكى قىزغىنلىقنى ھىندىستاندىكى 200 مىليون بالىغا تارقىتالايدۇ؟ ئالدىنقى قېتىم، مەن ئالدىنقى رەتتىكى بىرسىنىڭ، «بىز، ھىندىستان خەلقى،» شۇنداقمۇ؟ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم ئۇنداقتا، بىزدىن باشقا يەنە كىم بولماقچى؟ ئەگەر ھازىر بولمىسا، قاچان بولماقچى؟ .خۇددى مەن دېگەندەك، يۇقۇملىنىش بىر ياخشى سۆز .رەھمەت (ئالقىش)