Return to the talk Return to talk

Transcript

Select language

Translated by Kasim Abdurehim
Reviewed by Koktekin Uyghur

0:11 ئىككى يىل ئىلگىرى مۇشۇ يەردە، تەد تە مەن بىزنىڭ كاسىنى ئەسۋابى ئارقىلىق ساتۇرنغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى جاكارلىغانىدىم ،ساتۇرننىڭ نىسبەتەن كىچىكرەك بولغان ھەمراھىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدا بىر پارچە ئالاھىدە ئىسسىق بولغان گېئولوگىيىلىك ھەرىكەتچان رايوننى بايقىدۇق بۇ دەل ياۋروپا (يۇپىتېرنىڭ 2-ھەمراھى)، بۇ يەرگە قاراڭلار ،كاسىنىدا 2005-يىلى تارتىلغان بۇ رەسىمدە بىز بۇ رايوننى تۇنجى قېتىم كۆردۇق. بۇ ئۇنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ رايونى جەنۇبىي قۇتۇپ يولۋاس تېرىسىدەك كۆركەم سىزىقلار بىلەن قاپلانغان بۇ 2008-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تارتىلغان رەسىمدىن بۇ رايوننى يەنە كۆرەلەيمىز بۇ ۋاقىتتا بۇ رايوننىڭ يېرىمىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي يېرىم قۇتۇپ ئەمدىلا 8-ئايغا قەدەم باسقان بولۇپ قىشقا كىرىش باسقۇچىدا ئىدى

0:50 مەن يەنە بىزنىڭ بىر تۈرلۈك ئادەمنى خوشال قىلىدىغان بايقىشىمىزنى ئېلان قىلغانىدىم بۇ بايقاش ھەقىقەتەن بەكلا كەم ئۇچرايدۇ بۇ ئېگىز شارقىراتمىلار بىز بۇرۇن كۆرگەن جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ يېرىق رايونلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئاز مىقداردىكى مۇز كىرىستاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ،شۇنداقلا يەنە ھور، كاربون تۆت ئوكسىد مېتان دېگەندەك ئاددىي ئورگانىك بىرىكمىلەرمۇ بىللە ئېتىلىپ چىقىدۇ ئىككى يىل بۇرۇنقى شۇ ۋاقىتتا مەن بىزنىڭ بۇ شارقىراتمىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە سۇيۇقلۇققا تولغان يەر ئاستىدىن ياكى يەر ئاستىدىكى بۇلاقلاردىن ئېتىلىپ چىققان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پەرىزىمىزنى ئېيتقان ئىدىم لېكىن بىز بۇنىڭغا جەزىم قىلالمىغانىدۇق ھالبۇكى، ئۇ نەتىجىلەر بۇ ھەمراھ يۇلتۇزدا ھاياتلىق پەيدا بولۇشنى قوللايدىغان خىمىيىلىك ماددا ياكى ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتەتتى بىز بەكلا ھاياجانلاندۇق، شۇڭا كېيىنكى ئىككى يىلدا بىز «ياۋروپا»غا ئالاھىدە دىققەت قىلدۇق

1:36 بىز كاسىنى تەكسۈرگۈچىسىنى كونترول قىلىپ بۇ ھەمراھ يۇلتۇزدىن نۇرغۇن قېتىم ئۇچۇپ ئۆتتۇق بۇ شارقىراتمىلارنىڭ زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان رايونلىرىغا كىرىش ئۈچۈن ھەر قېتىمدا دېگۈدەك شارقىراتمىغا تېخىمۇ يېقىن ۋە ئىچكىرىلەپ ئۇچتۇردۇق شۇنداق قىلىپ، بىز بىر قىسىم ئىنتايىن توغرا بولغان تەركىپ ئۆلچەش ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولدۇق بىز يەنە شۇنى بايقىدۇقكى بۇ ھەمراھ يۇلتۇز ئېتىپ چىقارغانئورگانىك خىمىيىلىك بىرىكمىلەر ئەمەلىيەتتە بىز ئىلگىرى ئېلان قىلغاندىكىدىنمۇ مۇرەككەپ ئىكەن ئۇلار ئامىنو كىسلاتاسى ئەمەسكەن بىز ھازىر يەنە پروپان ۋە بېنزول گىدروسىيانىد ۋە فورمالىن دېگەندەك بىرىكمىلەرنى بايقىدۇق شۇنداقلا، بۇ مىكرو مۇز كىرىستاللىرى قارىماققا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىزدىلىۋاتقان مۇزلىغان تۇز سۈيى تامچىلىرىغا بەكلا ئوخشايدۇ بۇ بايقاشنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بۇ شارقىراتمىلارنىڭ ،سۇيۇق سۇ بۇلاقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققىنىلا بولماستىن بەلكى، بۇ سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ يەنە تاغ جىنىسلىرى بىلەنمۇ ئالاقىسى بارلىقى شۇنداقلا، بۇ خىل ئەھۋال يەنە ھاياتلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان خىمىيىلىك ئېنېرگىيە ۋە خىمىيىلىك بىرىكمىلەرنى تەمىنلەيدىغان جەرياندۇر

2:30 شۇنىڭ بىلەن، بۇ نەتىجىلەر بىزنى بەكلا ئىلھاملاندۇردى بىز ھازىر ئىككى يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇق بەلكىم بىز راستتىنلا بۇ ھەمراھ يۇلتۇزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇبىنىڭ ئاستىدا ھاياتلىق ئورگانىك تېنى ياشاشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت ياكى رايوننى تاپالىشىمىز مۇمكىن ئەلۋەتتە، ئۇ يەردە راستتىنلا ھاياتلىق ئورگانىك ماددىسى بار-يوقلۇقى بۇ باشقا بىر مەسىلە بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى پەقەت كەلگۈسىدە بىز قويۇپ بەرگەن تەكشۈرگۈچ «ياۋروپا»نى قايتا تەكشۈرگەندىلا جاۋابى چىقىدۇ بۇ تەكشۈرگۈچلەر بۇ مەسلىنى تەتقىق قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ چىقىدۇ :شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەن سىلەرنى شۇنداق بىر كۈننى خىيال قىلىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىمەن ،يەنى، بىز بىرلىكتە ساتۇرن يۇلتۇز سىستېمىسىنى ساياھەت قىلىپ ياۋروپا» دىكى پىلانېتىلار ئارا بۇلاق باغچىسىنى ساياھەت قىلىۋاتقىنىمىزنى خىيال قىلىپ باقايلى» چۈنكى بىز ھامان بىر كۈنى بۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

3:14 .رەھمەت

3:16 (ئالقىش ساداسى)